ئىز باسار بلوگى

ئىشەنچ سىزدىن قانچىلىك يىراقلىقتا
ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇت

ئىمىرسون:پەقەت ئاجىز، ئەخمەق ئادەملەرلا ئامەتكە ئىشىنىدۇ. بىراق مۇۋەپپەقىيەتنىڭ سىرى –ئۆزىگە ئىشىنىشتۇر.

قۇياش غەرىپكە ئولتۇرغاندا، كۆز تەتكۈسىز قۇملۇقتا بىر يىگىت بىر مويسىپىتنى يۆلەپ، مىڭ تەسلىكتە ئالغا قاراپ كېتىۋاتاتتى. مويسىپىىت جۇغراپىيە پىروفېسسورى بولۇپ، يىگىت ئۇنىڭ ياردەمچىسى ئىدى . قۇملۇقنىڭ سىرىنى ئېچىش ھەمدە «قۇملۇقنىڭ سىرى ئۈستىدەئىزدىنىش»نامىق كىتاپنى تاماملاش ئۈچۈن پروفېسسور پېنسىيىگە چىققاندىن كىيىن يىگىت بىلەن بىللە بۇ سىرلىق قۇملۇققا كەلگەن ئىدى .

كۈتۈلمىگەندە پروفېسسور قۇملۇقنى تەكشۈرۈپ قايتىش سەپىرىدە ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالدى. پروفېسسۇر جان ئۈزۈش ئالدىدا تىترەپ تۇرغان قولى بىلەن تەكشۈرۈش ماتىريالى، بىر خالتا قۇرۇق ئاشلىق ۋە بىر بوتولكا  مىنىرال سۇنى ياردەمچىسىگە تاپشۇرۇپ بەردى. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ يېنىدىن بىر پارچە باغاقچىنى ئىلىپ ياردەمچىسىگە تەڭلەپ: «سەن چوقۇم ھايات قايتىپ كەتكىن »دېگىنىچە جان ئۈزدى . يىگىت باغاقچىنى ئىچىۋىدى، ئۇبىر سخېما بولۇپ چىقتى. سخېمىنىڭ سول تەرىپىنىڭ  ئۈستىگە يەتتە يۇلتۇز، ئوڭ تەرىپىنىڭ ئاستىغا بىر دەريا سىزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاستى تەرىپىگە مۇنداق دەپ يېزىلغانىدى: قۇتۇپ يۇلتۇزنىڭ قارشى تەرىپىنى بويلاپ ماڭساڭ، ناھايىتى تېزلا سۇ بار يەرنى تاپالايسەن .

يىگىت پروفېسسورنى بىر قۇم دوۋىسىنىڭ ئۈستىگە دەپنە قىلغاندىن كېيىن، يۈك – تاقلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، پروفېسسور بەرگەن سخېمىغا ئاساسەن قۇتۇپ يۇلتۇزىنىڭ قارىشىسىنى بويلاپ ماڭدى.

ئىككىنچى كۈنى كەچتە، يىگىت ئېغىر قەدەملىرىنى يۆتكەپ يەنە يولغا چىقتى. ئۇ مۇشۇ بىر قانچە ئايدىڭ كېچىدە سۇ بار يەرنى تېپىۋىلىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى، ئاي قاراڭغۇسى بولۇپ كەتسە نىشاندى ئادىشىپ قالاتتى. نىشاندىن  ئادىشىپ قالسا، مۇشۇ قۇملۇقتا ھالاك بولاتتى. ئۇنى ئەڭ ئەندىشىگە سىلىۋاتقىنى – مىنرال سۇنىڭ پەقەت بىر يۇتۇملا قالغىنى ئىدى.

ئۈچىنچى كۈنى سۇس ئايدىڭدا ئۇ ئوتتەك قىزىق قۇمغا دەسسەپ، بىر قەدەم – بىر قەدەمدىن يەنە ئالغا ئىلگىرلىدى. بىر قەدەم، ئىككى قەدەم، يۈز قەدەم، مىڭ قەدە… ئۇ ھېرىپ ھالىدىن كېتىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن تىركىشىپ تۇرۇپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ قۇم بارخانلىرىدىن نەچچە قېتىم موللاق ئېتىپ، دومىلاپ چۈشكىنىنى بىلمەيتتى. ئۇنى ئەڭ قىينىغىنى ئۇسسۇزلۇق ئىدى. ئۇنىڭ  گاللىرى قۇرۇپ لېۋىنى گەز باغلاپ كەتكەن بولسىمۇ، لىكىن ئۇ بوتۇلكىنىڭ تېگىدىكى ھېلىقى بىر يۇتۇم سۇنى ئاياپ ئىچمىدى. ئۇ ھەر قېتىم سۇسىزلىنىپ يىقىلىپ چۈشەي دېگەندە ، قولىدىكى سخېمىغا قارىسىلا كاللىسىغا «ئالدى تەرىپىمدە سۇ بار» دېگەن خىيال كېلەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئ ۇ يېرىلىپ كەتكەن لەۋلىرىنى يالاپ قوياتتى – دە، ئۆزىنى كۈچلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلاتتى. ھاياتقا بولغان ئىشەنچىسىمۇ ھەسسىلەپ ئاشاتتى.

تۆت كۈندىن كېيىن ئۇ ئاخىر قۇملۇقتىن بۆسۈپ چىقتى. بىراق، ئۇنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇ بولدىكى، كۆز ئالدىدا ئەسلا سۇ كۆرۈنمەيتتى. ئۇ، پروگېسسور جان ئۈزۈش ئالدىدا  ئۆزىگە بەرگەن سخېمىغا قايتا بىر تەپسىلى قارىۋەتكەندىن كېيىن ئىشنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولدى. ئەسلىدە پروفېسسور ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ۋە نىشانىنى يوقىتىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ ئەتەي شۇنداق قىلغانىكەن ئەمەسمۇ؟ يىگىت شۇلارنى ئويلىغىنىدا، كۆزلىرىدىن توختىماي ياش قۇيۇلدىھەم پروفېسسورنى چوڭقۇر ھۆرمەتتە ياد ئەتتى.

بەرھەق ! ئىشەنچ كىشىنىڭ غەلبە يولىنى يورۇتۇپ، بەخت يۇلتۇزىنى چاقنىتىدۇ. كىشىگە چەكسىز شان – شەرەپ ۋە ھۆرمەت ئاتا قىلىدۇ. ئىشەنچ – مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئاساسى. مەلۇم بىر ئادەمنىڭ بىرەر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالماسلىقىدىكى تۈپ سەۋەبمۇ دەل ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ كەملىكىدە. باشقىلارغىلا تايىنۋالىدىغان، ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان ئادەم بىر ئۆمۈر مۇۋەپپەقىيەت دەرۋازىسىنى قاقالمايدۇ. ئەكسچە، ھەممە ئىشتا ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىدىغان، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشمەي قالمايدۇ.

تۇرمۇشتا بەزىلەر چۈشكۈنلۈك سەۋەبىدىن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ، ئۆزىنى قولدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان، يارامسىز، ئىقتىدارسىز ھېسابلايدۇ. باشقىلارنىڭ مەقسەتلىك زەربىسى تۈپەيلى، ئۆزىنىڭ ئىشەنچ يۇلتۇزىنى ۋاقىتسىز يوقىتىپ قويىدۇ. ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. ھەممە ئىشتا زىيادە ئېھتىياتچان بولۇپ كېتىپ، ئۆزىنى ئەركىن – ئازادە تۇتالمايدۇ. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىغا بىلىپ- بىلمەي تەشۋىش ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ قويىدۇ. ئەتراپىنى نۇرغۇن توسالغۇلار ئوراپ تۇرغاندەك ھېس قىلىپ، ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قالىدۇ.

كىشى ئۆز – ئۆزىگە قەتئىي ئىشەنگەندىلا، تۇرمۇشتىكى ھەر قانداق قېيىنچىلىقلارنى كۆڭۈلدىكىدەك بىر تەرەپ قىلالايدۇ. بۇنداق روھقا ئىگە ئادەملەردە ئىشەنچ تولۇپ – تاشقان بولىدۇ.  ئۇلار قۇرۇق خام – خىياللاردىن يىراق تۇرغانلىقى، ئۆزىگە نىسبەتەن ھەر ۋاقىت ئىشىنىش تۇيغۇسىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، قىلغان ھەر قانداق ئىشىغا پۇشايمان قىلمايدۇ ھەم ئۆكۈنمەيدۇ. ھەر قانداق قىيىنچىلىققا باش ئەگمەيدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئۆزىگە بولغان چەكسىز ئىشەنچىسى ئارقىلىق ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە قايىل قىلىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ.

دوستۇم، كىشىلىك ھايات تۈرلۈك ئەگرى – توقايلىقلار بىلەن تولغان.  ئەگەر سىز ئۈمىد ۋە خىرىسقا تولغا بۇ قىسقىغىنە ھايات مۇساپىسىدە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشنى ئويلىسىڭىز ، قەلبىڭىزدە ئىشەنچ چىرىغى مەڭگۈ يېنىپ تۇرسۇن! ئىشەنچ سىزدىن يىراقلاپ كەتمىسۇن! چۈنكى، ئىشەنچ – بارلىق غەلبە ۋە سائادەتنىڭ ئاچقۇچى.

مەنبە: شىنجاڭ مائارىپى ژورنىلى 2008-يىللىق 11-سان

ئارخاننىڭ ئاجايىپ قورقۇنچلۇق ئېلانى
ئارخاننىڭ قورقۇنۇشلۇق ئېلانى

بەخت دېگەن نېمە؟
ھەر بىر ئادەم –يۇقىرىدا ئىدىيىۋى قاراشلىرى پىشىپ چېكىگە يەتكەن پەيلاسوپلاردىن، تۆۋەندە ئادەتتىكى ساددا كىشىلەرگىچە، تاجۇ تەخت ئىگىسى بولغان پادىشاھ، ۋەزىرلەردىن تارتىپ ئاددىي كەپىلەردە ياشايدىغان نامرات پۇقرالارغىچە ھەممەيلەن بەختلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. جاھاندا بەخت ئىزدىمەيدىغان ياكى جاپا تارتىشنى خالايدىغان بىرەر ئادەم بارلىقىنى بىلمەيمىز. ئۇنداقتا، بەخت زادى نەدە؟  «بەخت نەدە؟» دېگەن بۇ مەسلە قەدىمدىن بۇيان كىشىلەرنى گاڭگىرتىپ كەلدى. نۇرغۇن كىشىلەر بەخت مەۋجۇت بولمىغان يەرلەرگە بېرىپ بەخت ئىزدەپ، نەتىجىدە سۇ يوق يەردىن مەرۋايىت ئىزدىگەندەك، قۇرۇق قول قېلىپ، ھېرىپ ھالىدىن كېتىپ ئۈمىدسىزلىنىپ، ھېچنىمىگە ئىگە بولالماي پەرىشان يېنىپ كەلدى. راست، تالاي ئەسىرلەردىن بۇيان ئىنسانىيەت رەڭگارەڭ ماددىي پاراغەت ۋە خىلمۇخىل ئارزۇلار ئۈستىدە سانسىز سىناقلارنى باشتىن كەچۈردى. لېكىن، ئۇلار ئاخىرقى ھېسابتا كىشىلىك ھاياتنىڭ بەختىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى. بەزىدە ھەر قېتىملىق يېڭى بەھرىمەن بولۇش ۋە سىناپ كۆرۈشلەر ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ ئاۋارىچىلىك، ئازاب ۋە قايغۇ-ھەسرەت تېپىپ بەردى. ماددىي تۇرمۇشنىڭ ھۇزۇرلۇق بولۇشى بەختمۇ؟  بەزىلەر ھەقىقەتەن شۇنداق دەپ مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. ئۇلار بەختنى بايلىقنىڭ كۆپلىكىدە، تۇرمۇشنىڭ باياشاد بولۇشىدا ۋە ئۇلاردىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشتا دەپ قارايدۇ. ئۇنداق بولسا، تۇرمۇش سەۋىيسى ناھايىتى يۇقىرى دۆلەتلەر پۇقرالىرىنى كىيىم- كېچەك، يىمەك-ئىچمەك، ئۆي-زىمىن، قاتناش ۋاستىلىرى قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن ئاسانلىقلار بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن تەلەپلىرىنى تولۇق قاندۇردى. لېكىن، ئۇلار نېمە ئۈچۈن داۋاملىق دەرد تۆكىدۇ، تۇرمۇشنى ھامان بەختسىز ھېس قىلىدۇ ۋە ھەمىشە ئېغىرچىلىق ۋە خاپىلىقنىڭ دەردىنى تارتىدۇ؟ ئۇلار نېمە ئۈچۈن يېڭى يول ئېچىپ بەخت ئىزدەيدۇ؟  ئەخلاقىي ۋە مەنىۋى قىممەت جەھەتتە ئوقۇرمەنلەر تەرىپىدىن ئەيىبلىنىپ باقمىغان ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرى روزى يۈسۈپ بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى شۇ ژۇرنالدا ئىككى پارچە ئاخبارات تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلدى. ئەسەرگە «راھەتباغدىكى ئادەملەر» دېگەندە شۋېتسىيە ئاھالىسىنى نەزەردە تۇتقانىدى. ماقالىدە شۋېتسىيىلىكلەرنىڭ ئىقتىسادىي سەۋىيسى ناھايىتى يۇقىرى دۆلەتتە ياشاۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا نامراتلىقتىن، قېرىپ كېتىشتىن، ئىشسىز قېلىشتىن، بالا- قازاغا ئۇچراپ قېلىشتىن قورقۇشنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى، سەۋەب بۇ دۆلەتتە ھەربىر ئادەمگە كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بەختسىزلىككە ئۇچرىغاندا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنىڭغا قەرەللىك ھالدا كۆپ ياردەم بېرىدىغانلىقى ۋەدە قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، شۋېتسىيلىكلەرنىڭ نامراتلىق ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقتىن زارلىنىشىغا ئورۇن قالمىغانلىقى بايان قىلىنغان. راست، شۋىتسىيىدە خەلقنىڭ دارمىتى يۇقىرى، يىللىق كىرىم كىشى بېشىغا 526 مىسىر فوندىدىن، يەنى ھەر ئايغا 43 مىسىر فوندىدىن توغرا كېلىدۇ. شۋىتسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيسىنىڭ باشقۇرۇش سەۋىيسى مۇنداق دەرىجىگە يەتكەن: دۆلەتتىكى ھەرقايسى تەبىقە كىشىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تۇرمۇش پەرقى پۈتۈنلەي دېگۈدەك تۈگىگەن. بۇ يېغىندى باجنى بېكىتىش ۋە ھەرخىل تىپتىكى سالامەتلىك ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. بۇ تەدبىرلەر باشقا دۆلەتلەردە كۆپ ئۇچرىمايدۇ. «ھەربىر شۋېتسىيىلىك ياشاش ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولىدۇ. ئاغرىپ قالغاندا قۇتقۇزۇشتىن، تۇرمۇش ئىقتىدارىدىن ئايرىلغاندا ياردەمدىن، تۇرمۇش خىراجىتىنىڭ يۇقىرىلىقى سەۋەبىدىن بېرىلىدىغان ياردەمدىن، ئۆي ئېلىشقا بېرىلىدىغان ياردەمدىن، كۆزىدىن ئايرىلىپ قالسا قۇتقۇزۇشتىن بەھرىمەن بولىدۇ… بۇ ياردەم، قۇتقۇزۇشلار بەھرىمەن بولغۇچىغا نەق پۇل بىلەن بېرىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ- كىچىك دوختۇرخانىلار پۈتۈنلەي ھەقسىز داۋالاشنى يولغا قويىدۇ.» «توي قىلغان ھەربىر ئايالغا دۆلەت بىر كىشىلىك ئاياللار ياردەم پۇلى بېرىدۇ. بۇنداق خىراجەت تۇغىدىغان ئاياللارنىڭ دۇختۇرخانىدا ياتقان ھەممە چىقىمىنى، تۇغۇلغان ھەربىر بۇۋاققا بېرىلىدىغان قوشۇمچە ياردەمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.» «ئەمگەكتە كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرگە قارشى تۇرۇش سۇغۇرتىسى بىر خىل مەجبۇرىيەت تۈزۈمى ھېسابلىنىدۇ.» «شۋېتسىيىنىڭ ئۆسمۈرلەرگە بەرگەن ئىجتىمائىي ياردىمىنىڭ ئەھۋالىغا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. ھەر بىر بالا 16 ياشقا كىرگۈچە ھەر يىلى 40 فوند قوشۇمچە ياردەم ئېلىپ تۇرىدۇ. سالامەتلىكىنى ئاسراشتىن ھەقسىز بەھرىمەن بولىدۇ؛ 14 ياشقا كىرگۈچە تەتىل مەزگىلىدە ھەقسىز ساياھەت قىلىدۇ.» «ئوقۇغۇچىلار ھەربىر باسقۇچتا ھەرخىل مەكتەپلەردە تەربىيە ئالىدۇ. ئوقۇش خىراجىتى كەچۈرۈم قىلىنغاندىن باشقا، مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپ فورمىسى، تاماق خىراجىتى بېرىدۇ، تىرىشىپ ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارغا ھەر قېتىمدا 250 فوند ئۆسۈمسىز قەرز پۇل بېرىدۇ.» «يېڭىدىن توي قىلغان ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئۆي سايمانلىرىنى سېتىۋېلىشى ئۈچۈن، دۆلەت تۆۋەن ئۆسۈم بىلەن 250 فوند قەرز بېرىدۇ. بۇ قەرزنى بەش يىلدا قايتۇرۇپ بولسا بولىدۇ.» «شۋېتسىيە خەلقى دۆلەتكە تاپشۇرغان ھەرخىل باجلارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى دۆلەت ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىغا سەرىپ قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى سەككىز پىرسەنتىنى نەق پۇل بىلەن چىقىم قىلىدۇ. بۇنداق جىق پۇل ئىجتىمائىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خام چوتىغا، ئۇنىڭدىن قالسا مائارىپ مىنستىرلىقىنىڭ خام چوتىغا ئىشلىتىلىدۇ.» يۇقىرىقىدەك ھەر تەرەپلىمە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ۋە ئىجتىمائىي كاپالەتلەر بولسىمۇ، ژۇرنالنىڭ مۇھەررىرى شۋېتسىيلىكلەرنىڭ تۇرمۇشتا خاتىرجەم ئەمەسلىكىنى، ھەر قاچان، ھەر جايدا ئاۋارىچىلىق ھېس قىلىدىغانلىقىنى، جىددىيلىك ۋە ئېغىرچىلىق ئىچىدە ئۆتىدىغانلىقىنى، شۇڭا كىشىلەرنىڭ نارازى بولۇپ، ئۈمىدسىزلىنىپ يۈرگەنلىكى، نەتىجىدە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈۋېلىش ( بۇ ياشاش رايى قايتقان ئونمىڭلىغان كىشىلەرنىڭ ئۇچرىغان ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قوللىنىپ ئادەتلەنگەن ئۇسۇلى ) ئارقىلىق ئازابلىق ۋە بەختسىز كىشىلىك ھاياتتىن قۇتۇلماقچى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. بۇ ژۇرنالنىڭ مۇھەررىرى ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بۇ بەختسىز ۋەقەلەرنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان سىر تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئېتىقادنىڭ كەملىكى ۋە چۈشۈپ قېلىش تۇيغۇسىدىن ئىبارەت.» ئامېرىكا دۇنيا بويىچە ئەڭ باي دۆلەت. ئۇنىڭ كۆككە يەتكەن بىنالىرى، ئالەم كېمىلىرى بار؛ ئالتۇن-كۈمۈش ھەر تەرەپتىن بۇ دۆلەتكە كىرىپ تۇرىدۇ. لېكىن، بۇنداق بايلىق ئامېرىكا خەلقىگە ھەقىقىي بەخت بېرەلمىدى. ئامېرىكىلىق بىر مۇتەپەككۇرنىڭ: «نيۇ-يورىك شەھىرىنى تۇرمۇش پاجىئەسى ۋە بەختسىزلىكىنى بېزەپ تۇرغان چىريلىق سايىۋەن» دېگىنىنى ئاڭلىغانىدۇق. ئەمەلىيەتتە مەيلى شەرقلىقلەر ياكى غەربلىكلەر بولسۇن، يىراقنى كۆزلەيدىغانلىكى ئادەم ئامېرىكىلىقلارنىڭ پاجىئەلىك ۋە بەختسىز ئەھۋالىنى ئېنىق كۆزىتەلەيدۇ. مەسلەن، شەرقنىڭ ئۇلۇغ ئالىمى سەييىد قۇتۇبنىڭ « مەن كۆرگەن ئامېرىكا» ناملىق كىتابىدا بۇ مەسىلە ئۈستىدە تەپسىلىي توختالغان؛ غەرب ئالىملىرىدىن فرانسىيلىك ئايال ئەدىب فرانسىۋا زېسار جىننى نيۇ-يورىكنى ئىككى قېتىم زىيارەت قىلىپ، دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن كىتاب يېزىپ، تەسىراتىنى بايان قىلغان. ئۇ كىتابتا مۇنداق بىر ئابزاس سۆز بار:«نيۇ-يورىك ئامېرىكىلىقلارنى بېسىپ تۇرغان ئېغىر يۈك بولۇپ قاپتۇ. بۇ شەھەرنىڭ يۈرىكىنىڭ سوقۇش سۈرئىتى ئاھالىسىنىڭ يۈرىكىنىڭ سوقۇشىدىن تېخىمۇ قاتتىق ئىكەن. ئەمەلىيەتتە نيۇ-يورىك ئاھالىسى ئۇچرىغان كرىزىس پىسخىكا جەھەتتىكى كرىزسىتىن ئىبارەت. بۇ تۇرمۇش رېتىمى ھەم كۈچلۈك، ھەم تېز، ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ مۇسكۇللىرىدا ئالدىراقسانلىق ۋە ئاسان خاپىلىنىشنىڭ قېنى ئېقىپ تۇرىدىكەن. ئۇلار ۋاقىتنى ئىمكانقەدەر تېجەشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. لېكىن، ۋاقىتتىن قانداق پايدىلىنشنى بىلمەيدىكەن.» پروفېسسور كۇرۇن ۋىلسونمۇ نيۇ-يورىكنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە گۈللىنىشىنى بايان قىلغاندا، بۇ شەھەردە « چىرايلىق نىقاب دىلخەستىلىك ۋە بەختسىزلىكىنى يېپىپ تۇرىدۇ» دەپ تەسۋىرلىگەن. شۇڭا، بايلىقنىڭ مول، يېتەرلىك بولۇشى بەخت بولۇشى ناتايىن، شۇندقلا ئۇ بەختنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ئامىلىمۇ ئەمەس. دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، بايلىق بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، بايلىقنىڭ ئىگىسى بەزىدە ئاپەتكە ئۇچراپ كېتىدۇ. شۇڭا، ئاللا مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلامغا ۋە مۆمىنلەرگە: « ئۇلارنىڭ مال-مۈلكى ۋە ئەۋلادى سېنى ئەجەبلەندۈرمىسۇن، ئاللا ئۇلارنى بۇ دۇنيادا شۇ نەرسىلەر بىلەن ئازابلاشنى ۋە ئۇلارنىڭ كاپىر پېتى جان ئۈزۈشىنى ئىرادە قىلىدۇ» ① دەپ ئاگاھلاندۇرغانىدى. بۇ يەردە ئېيتىلغان «ئازابلاش» جاپا-مۇشەققەت تارتىش، بىئارام بولۇش، ئاغرىپ قېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خۇددى ھەدىس شەرىپتە: « سەپەر جاپانىڭ بىر قىسمىدۇر» دېيىلگەندەك، ئىشلىتىلگەن سۆزنىڭ ئەسلىي مەنىسىمۇ شۇ بولۇپ، ھازىرىقى بۇ دۇنيادىكى روھ ۋە بەدەننىڭ ئازابىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالنى بايلىق ۋە بۇ دۇنيالىقنى ئەڭ چوڭ ھەۋەس، چەكلىك بىلىمنى ئاخىرقى غايە قىلغان ئادەملەردە ھەمىشە كۆرۈپ تۇرىمىز. بۇ خىل ئادەملەرنىڭ قەلبى ئازار يېگەن، ئىدىيسى ئازابلانغان، مەنىۋى يۈكى ئېغىرلاشقان بولىدۇ. بۇنداق ئادەملەر نامراتلىقتىن نارازى بولىدۇ، بايلىققا شۈكرى قىلمايدۇ. قەلبىدە ئۆزىنى ئازابلايدىغان بۇنداق كىشىلەر توغرىسىدا ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە كونكرېت بايان قىلىنغان. مۇھەممەد ئەلەيھسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاخىرەتكە ھەۋەس قىلغۇچىنىڭ دىلىغا ئاللا شۈكرى- قانائەت ئاتا قىلىدۇ. بۇ دۇنيالىقنى ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇپ بېرىدۇ. بۇ دۇنيالىققا قىزىققۇچىغا ئاللا نامراتلىقنى ئۇنىڭ ئىككى كۆزىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىدىغان قىلىپ قويىدۇ. ئۇنىڭ زېھنى پېشانىسىگە بۇرۇن پۈتۈپ قۇيۇلغانلىرىدىن» (تىرمىزى توپلىغان). خۇددى ئىبنى قەييۇم « قايغۇرغۇچىغا ياردەم » ناملىق كىتابىدا ئېيتقاندەك: « دۇنيادا زېھنىي قۇۋۋىتى چېچىلىپ كېتىش، ئىرادىسى بوشاپ كېتىش، تويماسلىقتىن ئارتۇق ئېغىر جازا بولمايدۇ». ئەگەر كىشىلەر رېئاللىققا مەستلەرچە مۇھەببەت باغلىسا، ئۇلارغا ئاشۇنداق جازادىن قۇتۇلۇشقا توۋلاپ ياردەم قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. لېكىن، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بۇ دۇنيادا روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن تارتقان ھەرخىل ئازابلار ئىچىدە ھەمىشە ئىڭراپ، شىكايەت قىلىپ، ياردەم سورايدۇ. ئۇلار بۇ دۇنيادىكى پايدىسىز خاپىلىققا ۋە كىشىلەر ئارىسىدىكى بىر- بىرىنى ئالدايدىغان، ئۆز-ئارا دۈشمەنلىشىشىدىغان رەھىمىسىز رېئاللىققا چىداشلىق بېرەلمەي قالىدۇ. خۇددى بىر دانىشمەن ئېيتقاندەك: « كىمكى بۇ دۇنياغا ئاشىق بولسا، شۇ كىشى ئۆزىنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن تەربىيلەپ، ھەر خىل بەختسىز ۋەقەلەرگە چىدىيالايدىغان ئادەتنى ھازىرلىسۇن». بۇ دۇنيالىققا ئاشىق بولغان ئادەمگە مۇقەررەر ئازاب، دائىملىق ھارغىنلىق، تۈگىمەس قايغۇدىن ئىبارەت مۇشۇنداق ئۈچ خىل روھىي ھالەت ھەمراھ بولىدۇ. چۈنكى بۇ دۇنيالىققا ئاشىق بولغان ئادەم بۇ دۇنيادىن نېمە نەپكە ئىگە بولغان بولمىسۇن، تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. خۇددى ھەدىس شەرىپتە ئېيتىلغاندەك: « مۇبادا ئادەم ئەلەيھسسەلامنىڭ ئەۋلادلىرى (ئىنسانلار) ئىككى جىلغىغا لىق تولغان ئالتۇنغا ئىگە بولسا، ئاشۇنداق 3-ئالتۇن جىلغىسىنى ئىزدەيدۇ» (بۇخارى، مۇسلىملار توپلىغان). ئېسا ئەلەيھىسسەلام پانىي دۇنيانى سۆيىدىغان كىشىلەرنى ھاراقكەشنىڭ ھاراقنى قانچە كۆپ ئىچسە، شۇنچە قاتتىق مەست بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئوخشىتىدۇ. ئۇرۇق-ئەۋلادنىڭ كۆپ بولۇشى بەخت ھېسابلىنامدۇ؟  بالىلارنىڭ كۆپ بولۇشى، نەۋرە-چەۋرىلەرنىڭ چۆرگىلەپ يۈرۈشى ھەقىقەتەن تۇرمۇشتىكى ياخشى ئىش، بۇ دۇنيالىقنىڭ زىننىتى. لېكىن، نۇرغۇن بالىلار، نەۋرىلەر ئاتا- ئانىسىغا ۋە چوڭلارغا ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇلار چوڭلارغا ۋاپادارلىق ۋە ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرماي، ۋاپاسىزلىق، قارايۈزلۈك قىلىدۇ، ھەتتا بەزى بالىلار چوڭلاردىن قالىدىغان بايلىقنى كۆزلەپ، ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەپ، ئاتا-ئانىسىنى تويغۇزۇۋېتىدۇ. رېئال تۇرمۇشتا بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ۋاپاسىزلىق قىلغانلىقىغا، ئاتا-ئانىسىنى خارلىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن غەلىتە ھادىسىلەرنى كۆرگەنمىز، شۇنداقلا بۇ خىل ھادىسىلەرگە دائىر تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز رىۋايەتلەرنىمۇ ئاڭلىغانمىز. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ بىۋاپالىقىدىن غەزەپلىنىدۇ. لىئېر پادىشاھى شېكىسپىرنىڭ ئۆز ئاغزى بىلەن مۇنداق قاتتىق نالە  قىلىدۇ:« ۋاپاسىز بالىنىڭ ئاتا-ئانىغا تېپىپ بەرگەن ئازابى يىلان چاققاندا پەيدا بولغان ئازابتىنمۇ ئېغىر بولىدۇ.» خوش، شۇنى سوراپ باقاي: ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلاردىن بەھرىمەن بولىدىغان ۋاپادارلىقىنى نېمە يوق قىلىۋېتىدۇ؟ بۇنداق ئاتا-ئانىلار چەكىسىز بىتەلەيلىككە ۋە ئۇزۇن مۇددەت قايغۇغا دۇچار بولغانلىقىغا ھۆكۈم قىلماي تۇرالامدۇ؟  ئىلىم- پەن كىشىلەرگە بەخت ئېلىپ كېلەلەمدۇ؟  ماتېرىيالىستلارنىڭ سىناق قىلغان پەنلىرى يىراق ئارىلىقتىكى كىشىلەرنى يېقىنلاشتۇردى ھەمدە ئىنساننىڭ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلىرىنى تۈگىتىپ بەردى. ئۇنداقتا، بۇنداق پەن ئادەم بەختىنى ئەمەلگە ئاشۇرالامدۇ؟ ئوقۇرمەنلەر قانداق قارايدىكىن؟  خۇددى دوكتۇر مۇھەممەد ھۈسەيىن ھەيكەل (1956-1888) مىسىرلىق مەشھۇر ئەدىب، تارىخشۇناس « ئېتىقاد، بىلىم، پەلسەپە» ناملىق كىتابىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك: « پەن بىزگە ھاياتلىقتىكى نۇرغۇن شەيئىلەرنى ئېچىپ بەردى ھەمدە ھاياتلىقتىكى بەختتىن پايدىلىنىشىنى مەلۇم دەرىجىدە ھازىرلاپ بەردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇلارنى ھەرقانداق ئادەم تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغانىدى» مانا بۇ پاكىت. شۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر پاكىت شۇكى، بىلىم ئېلىشقا ئىنتىلىش ئادەمدىكى ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ؛ كىشىلەر بىرەر شەيئىنى بىلىش ئۈچۈن، ئۇ شەيئى بىلەن ئۇنىڭ ئىچكى مۇناسىۋەتلىرىنى يۇغۇرۇۋېتىدۇ. كىشىلەر بىلىم ئېلىشنىڭ مۇشۇنداق تۈرتكىسى بىلەن شەيئىلەرنىڭ سىرى ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر قىلىدۇ ياكى ئۆزىگە بويسۇنغان پەن قانۇنىيەتلىرى ئۈستىدە يېڭىۋاشتىن ئىزدىنىدۇ. لېكىن، يەنە بىر خىل ئوخشاش پاكىتمۇ شۇكى، بىلىش بەخت ئامىللىرىنى مەڭگۈ ساقلاپ قالالمايدۇ، بەلكى قىسمەن بىلىش كۆپ ھاللاردا كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە خاتىرجەمسزلىك، ئىدىيىدە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىدۇ. بەخت- ياخشى ئارزۇ. ئۇ ھەمىشە پارلاق قاناتلىرى بىلەن ئالدىمىزغا ئۇچۇپ كېلىدۇ. كۆپ ھاللاردا ئۇنىڭ ھاۋادىكى ئاتوملىرىدىن نەپەسلىنىمىز. ئۇنى كۆكسىمىزگە تولۇق سۈمۈرۈۋېلىشنى ئارزۇ قىلىمىز. لېكىن، ئۇنىڭ ئارزۇيىمىزنى مەڭگۈ قاندۇرالمايۋاتقانلىقىنى  ھېس قىلىمىز. ئادەم ئەلەيھىسسەلامدىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگىچە كىشىلەر «بەخت» نىڭ كەينىدىن چېپىپ يۈردى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلەرنى بەختسىزلىكنىڭ ئالۋاستىسى كەينىدىن تۇتۇۋېلىپ، ئۆزى ئىزدىگەن «بەخت» كە يېتىپ بارغۇچە، «بەخت» كە يېتىشۋالدىم دەپ قارىدى. شۇڭا، بۇنداق بەخت ئىلىم- پەننىڭ ئىچىدە بولمايدۇ. چۈنكى، ئىلىم-پەن بىر خىل ئارزۇ بولۇپ، ئارزۇنىڭ كەينىدە بەخت مەۋجۇت ئەمەس. نۇرغۇن ئالىملار پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىلم-پەنگە بېرىلىپ، يىل بويى باش چۆكۈرۈپ تەتقىق قىلىدۇ. ئۆمرى ئاخىرلاشقاندا، پۇشايمان بىلەن ئويغىنىدۇ ۋە ئازابلىنىدۇ. ئۇلار شۇغۇللانغان ئىلىم- پەن ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاپىلىق ۋە قايغۇ پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شاگىرتلىرىغا كىشىلىك ھاياتتا تەبىئىي خۇسۇسىيەت بويىچە ئىش قىلىش، ئىلىم-پەن ئارقىلىق غايىبنىڭ سىرلىرىنى يېشىشكە ئۇرۇنماسلىق توغرىسىدا ۋەسىيەت قىلدۇ. ھازىر بىزدىكى ئىلىم-پەننىڭ دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ. لېكىن، چەكسىز ئالەم بىلەن سېلىشتۇرغاندا، پەننىڭ دائىرسى يەنىلا تار. شۇڭا، گىرمانىيىلىك پەيلاسوپ نىتسى ۋە ئىلىم يولىدا ئۆمرىنى سەرپ قىلغان بەزى ئالىملار كېيىنكىلەرگە:« ئىلىم-پەن بىر قىسىم غايىبنىڭ پەردىسىنى چوقۇم ئاچىدۇ. لېكىن، ئالىملار ئاشۇ بىر قىسىم غايىبنىڭ سىرلىرىنى كۆرەلىگەندە، ئۇلارنىڭ تولىمۇ يىراق، ئىنتايىن چەكىسىز ئىكەنلىكىنى بېلىپ، ئۆزىنىڭ ئاجىز ۋە كۆزگە ئىلغۇچىلىكى يوق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۇلار ئەمەلىيەتتە بولمىغان سەراپنى قوغلىشىپ يۈرىدۇ، ئۇ سەراپنىڭ ئاخىرقى چېكىدە ھەممە ھەقىقەت بولغان تەقدىردىمۇ» دەپ ۋەسىيەت قىلغانىدى. زامانىمىزدىكى ئەنگىلىيىلىك پەيلاسوپ روسىسىل (ئۇنىڭ قاراشلىرى ماتېرىيالىستىك بولسىمۇ) كىشىلەرنىڭ ئىلىم- پەننى ۋاستە قىلىپ، تەبىئەت دۇنياسى بىلەن كۈرەش كىلىش داۋامىدا غەلىبە قىلالمىغانلىقىنى، ئىلىم- پەندىن ئىبارەت بۇ قورالنىڭ بۇ جەھەتتە ئۇلارغا ھېچقانداق پايدا بەرمىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. شۇڭا، روسسىل كىشىلىك ھاياتتىكى بۇ جەڭگاھتا دىننىڭ باشتىن-ئاخىرغىچە غەلىبە قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئامېرىكىلىق مەشھۇر پىسخولوگىيە دوختۇرى دوكتور ھېنرى دانك ئىلىم-پەنگە ۋە ئىدىيە ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش باھانىسى بىلەن غايىبقا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا قارشى تۇرۇپ:« يالغۇز ئىلىم- پەنگە تايىنىپلا كىشىلەرگە ھەقىقىي بەختنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ پۇرسىتىنى يارىتىپ بەرگىلى بولمايدۇ» دېگەنىدى. «ئەمەلىيەتتە، ھازىرقى ئىلىم- پەن ساھەسىدىكى ھەبىر تارماقتا قايمۇقۇشنىڭ يالقۇنى ئۇلغىيىپ كەتكەن ئەھۋاللار مەۋجۇت. دىمەكچىمەنكى، ئىدىيە ئەركىنلىكى كۆزدە تۇتۇلغان مەسىلىلەر ھەددىدىن ئارتۇق تەكىتلىنىپ كېتىپ بارىدۇ. ھازىر بەزى پىسخولوگلار شۇ دەرىجىگە يەتتىكى، ئۇلار ئىدىيىگە مۇتلەق تايانغانلىقتىن، كىشىلەرنىڭ بەختىنى ۋەيران قىلىۋەتتى ». « كىشىلىك ھاياتتىكى تېرەن سىرلىق مەسىلىلەرنى ئىلىم- پەن تەرەققىياتى ۋە ئىلىمى بىلىشتىن ئىبارەت بۇ يول ئارقىلىق ھەرگىز ئۈنۈملۈك ھەل قىلالمايمىز. ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتى گاڭگىراشنىڭ كۆپىيشىدىن، جەمئىيەتنىڭ قالايمىقان بولۇشىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھەممە ئىلىم-پەن كۈندىلىك ھاياتنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىدىن ئىبارەت بايراق ئاستىدا ئېنىق بىرلىككە كەلگەن ئەھۋال ئەمەلگە ئاشمىغاندا، بۇ ئىلىم-پەنلەر ئۆزىنى كەشىپ قىلغان ئالىملارنىڭ ئىدىيسىنى ئازاد قىلالمايدۇ. ئەكىسىچە، ئىلىم-پەن ئۇلارنىڭ ئىدىيسىنى گۇمران بولۇش ۋە ھېرىپ كېتىش يولىغا باشلاپ كىرىدۇ. دېمەكچىمەنكى، دىنىي ئېتىقادقا تايىنىش لازىم» (ھېنرى رانك:« ئېتىقادقا قايتىش» ناملىق كىتابنىڭ 81-82-بەتلىرى). دېمەك، بەخت بايلىقنىڭ كۆپلىكىدە ئەمەس، نام-ئابرۇي، ھوقۇقتىمۇ ئەمەس، بالا-نەۋرىلەرنىڭ كۆپ بولۇشىدا ياكى بەزى مەنپەئەتلەرگە ئىگە بولۇشتىمۇ ئەمەس، ماتېرىيالىستىك ئىلىم-پەندە تېخىمۇ ئەمەس. بەخت شەكىلسىز، چوڭقۇر مەنىلىك نەرسە بولۇپ، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ، ئاز-كۆپلۈك بىلەن ئۆلچىگىلى ۋە سېلىشتۇرغىلىمۇ بولمايدۇ؛ ئۇنى خەزىنىگە سېلىپ قويغىلى، پۇلغا سېتىۋالغىلى بولمايدۇ. لېكىن، كىشىلەر بەختىنى ئۆز دىلىدا ھېس قىلالايدۇ، يەنى ئادەم روھى پاك، كۆڭلى خاتىرجەم، ئوچۇق-يورۇق، ۋىجدان ئازابى تارتماي يۈرسە، مانا شۇنىڭ ئۆزى بەخت ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، بەخت ئادەمنىڭ سىرتىدىن كىرمەيدۇ، بەلكى ئىچىدىن چىقىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بىر ئەر كىشى خوتۇنىغا خاپا بولۇپ: «سېنى چوقۇم نەس باستۇرىمەن» دەپتۇ. ئۇنىڭ خوتۇنى ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن:« سەندە مېنى بەختلىك قىلىدىغان ھوقۇق بولمىغاندەك، مېنى نەسمۇ باستۇرالمايسەن، ئەگەر بەختنى مائاش بىلەن ئىپادىلىگىلى بولسا ، ماڭا مائاش بېرىشنى توختاتساڭ بولىدۇ؛ بەختنى زىبۇزىننەت، كاتتا كىيىملەر بىلەن ئىپادىلىگەن بولساڭ، ئۇلارنى بەدىنىمدىن ئېلىۋالساڭ بولىدۇ. لېكىن، بەخت سەن ياكى ھەممە ئادەم چاڭگاللاپ تۇرىدىغان نەرسە ئەمەس» . ھېلىقى خوتۇننىڭ ئېرى ھەيران بولۇپ سوراپتۇ:« ئۇنداق بولسا، بەخت دېگەن نېمە؟ ئۇ نەدە؟ » خوتۇن ناھايىتى تەبىئىيلىك بىلەن مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىپتۇ:« مەن ئېتىقادىمدىن بەختكە ئىگە بولغانمەن، ئېتىقادىم قەلبىمدە، قەلبىمنى مېنى ياراتقان ئاللادىن باشقا ھەر قانداق ئادەم كونترول قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس.» مانا بۇ ھەقىقىي بەخت. بۇ خىل بەختنى كىشىلەرنىڭ شاپائەت ياكى ئاداۋەتى بىلەن تارتىۋالغىلى بولمايدۇ. بۇ خىل بەختتىن ۋىجدانلىق ئەر-ئايال مۆمىننىڭ ھەممىسى خۇشاللىق ھېس قىلىدۇ. بىر دىنىي قېرىندىشىمىز مۇنداق دېگەن:« بىز ھەقىقەتەن بەخت ئىچىدە ياشاۋاتىمىز، ئەگەر پادىشاھلار، ۋەزىرلەر، گېنېراللار بىزنىڭ بەختلىك ئىكەنلىكىمىزنى بىلسە، بۇنىڭ ئۈچۈن قىلىچىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، بىز بىلەن دۇئېلغا چىقىدۇ.» مۇشۇنداق مەنىۋى شادلىققا چۆمگەن يەنە بىر دىنىي قېرىندىشىمىز قاتتىق مەپتۇن بولغان ھالدا مۇنداق دېگەن:« ئەگەر بېھىشتىكى ئادەملەر مېنىڭ ھازىرقى مۇشۇنداق مۇھىتىمدا بولسا، ئۇلار چوقۇم گۈزەل تۇرمۇشتا بولغان بولىدۇ». بۇنداق بەختنىڭ ئىلتىپاتىغا ئىگە بولغان كىشىلەر تەقدىرنىڭ رەھىمسىز تاسقاشلىرىغا پەرۋا قىلىپ كەتمىگەن، ئېغىر تۇرمۇشنىڭ ۋەھشىيانە كۈلپەتلىرىگىمۇ پىسەنت قىلمىغان.  ئۇلار كىشىلىك ھاياتتىكى ئازابلارنى پەيلاسوپلارنىڭ نەزىرى بىلەن ئوپېراتسىيە قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئازاب ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپاتقا ئايلىنىپ قالغان، ئۇلار ئۇنىڭدىن مىننەتدار بولغان. لېكىن، باشقىلارنىڭ قارىشچە، ئۇلارنىڭ بەدىنىدە مۇئەييەن ماددىلارنى سويۇقلاندۇرۇپ، ئاندىن تۇرمۇشتىكى ئاپەتنى ئامەتكە ئايلاندۇرۇۋېتەلەيدىغان ئالاھىدە بىر خىل مەنىۋى بەزلەر باردەك قىلىدۇ. ماددىنىڭ ئىنسان بەختىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا مۇئەييەن ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمايمىز. چۈنكى، ئاللانىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلام مۇنداق دېگەن:« پەزىلەتلىك خوتۇن، ياخشى ئۆي، مۇۋاپىق قاتناش قۇرالى-ئىنسان بەختلىرىنىڭ بىرىدۇر» ( ئەھمەد توپلىغان). لېكىن، ماددا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىيەلمەيدۇ، كەڭ ئورۇنمۇ ھازىرلىمىغان. ئاچقۇچ ساندا ئەمەس، سۈپەتتە. كىشىلەر ماددا پەيدا قىلغان خاپىلىقتىن قارنى-كۆكسىنى تار قىلماي، خاتىرجەم يۈرەلىسە، ناھايىتى بەختلىك ھېسابلىنىدۇ. خوتۇنى ئەسكى بولۇپ، ئاددى كۈلبىدە ياتسا، قاتناش قۇرالى ناچار بولسا، ئادەمنى بىزار قىلىدىغان بۇ نەرسىلەر كىشىنى تىت-تىت قىلىۋېتىدۇ. لېكىن، كۆڭلى خاتىرجەم، تېنى ساغلام بولسا، تۇرمۇشتا ھەددىدىن ئارتۇق جاپا تارتىپ كەتمىسىمۇ، رىزىققا ئىگە بولغىلى بولىدۇ. بۇنداق شۈكرى-قانائەتمۇ ئادەمنىڭ بەختىدۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلام ئاجايىپ توغرا ئېيتقان:« كىم سەھەر تۇرسا، كۆڭلى خاتىرجەم، تېنى ساغلام بولسا، شۇ كۈنلۈك تەمىناتىغا ئىگە بولسا، ئۇ ھالدا پۈتۈن دۇنيا ئۇنىڭ ئىلكىدە بولغاندەك بولىدۇ» (سەھىبۇل بۇخارى توپلىغان)

(بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى دۇنياغا داڭلىق ئىسلام ئالىمى يۈسۈپ قەرداۋى)

تەرجىمە قىلغۇچى : ئابدۇللاجان كېرەم

شىركەت ئەنگە ئالغۇزۇشقا قانداق رەسمىيەتلەر كېرەك
شىركەت ئەنگە ئالدۇرۇشقا كېتىدىغان ماتېرىياللار:

1. كىملىك

2 . مەبلەغ

3.شىركەت ئىسمى (ئاز بولغاندا ئۈچ ئىسىم تەييارلاڭ)

4. شىركەت ئادرىسى (ئۆلچەملىك ئىشخانا ئىجارە ئېلىش توختىمى، ئۆي مۈلۈك ئىگىدارلىك گۇۋاھنامىسى كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى، ئۈستىگە ئۆي ئىگىسىنىڭ ئىمزاسى چۈشكەن بولىشى كېرەك).

بۇ ماتېرىيالنى ئادەتتە شىركەت تىزىمغا ئالدۇرۇش مۇلازىمىتى قىلىدىغان شىركەتلەر سىزگە تەمىنلەپ بېرەلەيدۇ.

شىركەت تىزىمغا ئالدۇرۇش قەدەم باسقۇچلىرى:

1. شىركەت ئىسمىنى تىزىملىتىش (سودا سانائەت باشقۇرۇش ئىدارىسى)

2.شىركەت ئىسمىغا ئاساسەن ئۆزىڭىز تاللىغان بانكىدا ۋاقىتلىق مەبلەغ ساقلاش ھېسابات نومۇرى ئېچىش)

3. ھېسابات نومىرى تەييار بولغاندا، مەبلەغنى بۇ ھېسابات نومۇرىغا كىرگۈزۈش.

4. مەبلەغ كىرگۈزۈپ بولۇنغاندىن كېيىن، مەبلەغ تەكشۈرۈش دوكلاتى ئىشلەش. خەنزۇچىدا 验资报告 دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنى ئادەتتە كەسپى بۇغالتېرلىق ئىش بېجىرىش ئورنى قىلىدۇ.

会计事务所 5. يۇقارقى بارلىق ماتىرىياللارغا ئاساسەن، سودا سانائەت باشقۇرۇش ئىدارىسىدا تىجارەت گۇۋاھنامىسىغا ئىلتىماس قىلىش.

6. 组织机构代码证 غا ئىلتىماس قىلىش (كەچۈرۈڭ، بۇنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى بىلمەيدىكەنمەن

7. باج رەسمىيەت گۇۋاھنامىسىغا ئىلتىماس قىلىش. (بېجىردىغان ئورۇن يەرلىك باج ئىدارىسى، دۆلەتلىك باج ئىدارىسى)

8. شىركەتنىڭ رەسمى ھېسابات نومىرى ئېچىش. (بۇنىڭ ئۈچۈن يۇقارقى ماتىرىياللرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى كېرەك، مەبلەخ سالغۇچى ئۆزى بېرىپ ھېسابات ئېچىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

9. مەبلەخنى ۋاقىتلىق ھېسابات نومۇرىدىن رەسمى ھېسابات نومۇرىغا يۆتكەش.

ئىگىلىك تورىدىن ئىلىندى

Surface Pro مۇشۇ ئاينىڭ 9-كۈنى سېتىلىشقا باشلايدۇ
Microsoft Surface Pro مۇشۇ ئاينىڭ 9-كۈنى سېتىلىشقا باشلايدۇ،

Surface Pro 64GB نىڭ باھاسى 899 ئامېرىكا دوللىرى، Surface Pro 128GB نىڭ باھاسى 999 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئۇنىڭ خەت بېسىش ۋە سەزمە ياپقۇچى ئايرىم سېتىلىدىكەن. بۇنىڭغا قاچىلانغان مەشغۇلات سىستېمىسى Windows 8 بولۇپ، ھەقىقىي تاختا كومپيۇتېر دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مىكروسوفت Office 2013 قاچىلانغان.

قاتتىق دېتال جەھەتتە Intel I5 مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ، 4GB ئىچكى ساقلىغۇچ، 1080*1920 ئېنىقلىقتىكى ئېكران سەپلەنگەن بولۇپ، ئېغىرلىقى 900 گىرام، باتارېيەدىن ئۈزمەي ئىشلىتىش ۋاقتى 4-5 سائەتكە يېتىدۇ. بىر دانە USB3.0 ئېغىزى، بىر دانە micro-SDXC، بىر دانە mini-DisplayPort ئېغىزى سەپلەنگەن، ئۇنىڭدىن باشقا مەخسۇس ئىشلەنگەن سەزمە قەلەم تەمىنلەنگەن.

Windows 8 بەلگىلىك سىغىم ئېگەللەيدىغان بولۇپ، Surface Pro 128GB نىڭ 83GB بوشلۇقىنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ. لېكىن USB ئېغىزى بىلەن سىغىمنى ھەرۋاقىت كېڭەيتىشكە بولىدۇ.

ھەقىقىي تاختا كومپيۇتېر دەۋرى رەسمىي باشلىنىدۇ. بۇ خۇددىي 1980-يىلى شەخسلەر كومپيۇتېر دەۋرى باشلانغاندەك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە باشلىنىشتۇر.

مەن ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ئىسىل ناخشا: مەن ھايات
بۇ يەرنى چىكىپ كۆرۈڭ!

2013- يىللىق ئوسكار ئەڭ نادىر قىسقا كارتون مۇكاپات ساھىبى «قەغەز ئادەم-Paperman» | تولۇق سۈزۈك نۇسخىسى
سۈزۈك نۇسخىدىكى 2013- يىللىق ئوسكار ئەڭ نادىر قىسقا كارتون مۇكاپاتىدا ئىسمى ئاتالغان، دېسنىنىڭ بۇ يىللىق يەنە بىر يىڭى ئەسىرى《قەغەز ئادەم-Paperman》نىڭ تولۇق نۇسخىسى ئاخىرى تارقىتىلدى. بەلكىم ئىلگىرى تورخۇمارلار مەزكۇر قىسقا كارتوننىڭ بىر قىسىمىنى ياكى ئوغۇر نەشىرىنى كۆرگەن بولىشى مۈمكىن. ھەقىقەتەن ئۆزگىچە ئىشلەنگەن مۇھەببەت قىسسىسى دىيىشكە بولىدۇ. ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسىنى قويۇپ، فىلىمنى كۆرۈپ باھا بېرەيلى!

2012-يىلى دۇنيادا ئەڭ زور تەسىر قوزغىغان 20 ئايال
11.Camille Muffat

كامىلې لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا 400مېتىر ئەركىن ئۈزۈشتە ئالتۇن مېدالغا، 200مېتىرغا ئۈزۈشتە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن. كېيىن 11-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە، 800مېتىر ئەركىن ئۈزۈشتە دۇنيا رېكورتى ياراتقان. 2012-يىلى 23ياشقا كىرگەن بۇ ماھىر سۇ ئۈزۈش سەھنىسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز بولغان. «كوماندا گېزىتى» بۇ تالانتلىق ماھىرنى 2012-يىلىدى ئەڭ قالتىس ئايال ماھىر دەپ باھالىغان.

12.Angela Merkel

12-ئاينىڭ 4-كۈنى، مېركېل يۇقىرى بېلەت سانى بىلەن ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان پارتىيە خىرىستىئان دىنى دېموكراتىك ئىتتىپاقى پارتىيە يولباشچىسى بولغان، %97.94 بېلەت نىسبىتى مېركىلنىڭ 12يىلدىن بۇيانقى ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان پارتىيە خىرىستىئان دىنى دېموكراتىك ئىتتىپاقىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجە ھېسابلىنىدۇ. گىرمانىيەدە يۇقىرى قوللاش نىسبىتى بار مېركىلنى، گىرىتسىيە، ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە بەك ۋاي دەپ كەتمەيدۇ. ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا مالىيە چىقىمىنى قىسقارتىش سىياسىتىنىڭ ۋەكىلى ھېسابلىنىدۇ، ئۇ بۇ دۆلەتلەرنىڭ تەنقىد ھەم زەربىسىگە بەك تويۇپ كەتكەن.

13.Inna Shevchenko

ئىننا بولسا ئۇكرائىنا ئاياللار ھوقۇقى ھەرىكىتى كوللىكتىپى «Femen»نىڭ مۇھىم غوللۇق ئەزاسىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر كوللىكتىپ ئاياللارنىڭ بەدىنى ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلى ھوقۇق-مەنپەئەتكە ئېرىشىشنى نىيەت قىلىدۇ.

14.Anne-Marie Slaughter

6-ئايدا، «ئاتلانتىك ئوكيا»سەھىپىسى يازغۇچىسى ئەننى «نېمىشقا ئاياللار پۈتۈنلەي ئىگە بولالمايدۇ»دېگەن تېمىسىدا ھازىرقى زاماندىكى ئامېرىكىنى مۇھاكىمە قىلغان، ماقالىدە ئانا بولغان ئاياللارنىڭ ئائىلە ھەم خىزمەت ئىككى تەرەپتىكى غايە قىيىنچىلىقى توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان. بۇ ماقالە  ئامېرىكىدا بىر مەيدان «ئانىمۇ ياكى كەسپىي خىزمەتچىمۇ»تېمىسىدىكى مۇنازىرىنى قوزغىغان.

15.Malala Yousafzai

بۇ پاكىستانلىق قىز 11ياشتىن باشلاپ بلوگ يېزىشقا كىرىشكەن، ئۇ بلوگلىرىدا تالىبانلارنىڭ ئاياللارنىڭ مائارىپ قوبۇل قىلىشنى چەكلىشىنى تەنقىد قىلغان. 10-ئاينىڭ 9-كۈنى، مالالا مەكتەپتىن قايتقاندا، تالىبان تەشكىلاتى قوراللىق خادىملىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، بىر پاي ئوق بېشىغا تەگكەن، تەلىيىگە ھاياتىغا خەۋپ يەتمىگەن. جاھالەتپەرەسلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ۋەكىل خاتاركتېرلىك پېرسوناژى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مالالا بىر مەزگىل نوبېل تىنىچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىششىنى مۆلچەرلىگەن.

16.Bérénice Bejo

بەنىسى «سەنئەتكار»فىلىمىدە رولنى ياخشى ئالغانلىقى ئۈچۈن سىزېر ئەڭ مۇنەۋەر ئايال ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 5-ئايدا، ئۇ گانا كىنو بايرىمىغا رىياسەتچىلىك قىلغان، ئۇ فىرانسىيە رادىئو-تېلىۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئاياللار نۇرغۇن ئىشلارنى ئەرلەردىن ياخشى قىلىدۇ دەپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ غۇلغۇلا قوزغىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئاياللار ھوقۇقى كوللىكتىپىدىكى ئەزالار بۇ سۆزنىڭ مايدەك ياققانلىقى، ئۇلارنىڭ چاڭقىغان يۈرىكىگە بارغانلىقىنى ئېيتىشقان.

17.Elizabeth II

ئەنگلىيە ئايال پادىشاھىنىڭ تەختتە ئولتۇرغانلىقىنىڭ 60يىللىقى خاتىرىلەندى، 86ياشقا كىرگەن ئايال پادىشاھ ئەنگلىيە خەلقىنىڭ قوللاش ھەم ياقتۇرۇشىنى ھېس قىلدى. ئۇ ئەنگلىيە خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ئايال پادىشاھ.

18.Nkosazana Dlamini-Zuma

7-ئاينىڭ 15-كۈنى، Nkosazana Dlamini-Zuma ئافرىقا ئىتتىپاقىدىكى تۇنجى ئايال رەئىس بولۇپ قالدى، ئۇ ئىلگىرى بالىلار دوختۇرى بولۇپ، جەنۇبىي ئافرىقا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولۇش بىلەن بىرگە سەھىيە ئورگىنى ھەم دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى بولسا ئافرىقىدىكى ئىنگىلىز تىلى ئىشلىتىدىغان دۆلەتلەر بىلەن فىرانسۇز تىلى ئىشلىتىدىغان دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدىكى زىدىيەتنى مۇرەسسە قىلىش، ئوتتۇرا ئافرىقا بىلەن نىگېرىيە توقۇنۇشىنى پەسەيتىشتىن ئىبارەت.

19.Gina Rinehart

گىنا نېمىشقا ئېنىرگىيە مىنىستىرىگە چاقچاق قىلالايدۇ؟ چۈنكى ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ باي ئايال. 9-ئايدا، ئۇ ئاۋىستىرالىيە كان ئىشچىلىرىنىڭ مۇئاشى بەك يۇقىرى ئىكەنلىكى، ئەرزان ئەمگەك كۈچى ئىشلىتىش ئۈچۈن، ئافرىقىدىن كۈنىگە ئىككى ياۋروغا ئىشلەيدىغان كان ئىشچىسى ياللاشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

20.Marissa Mayer

مايىر بولسا گۇگۇلنىڭ يادرولۇق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ بىرى، ياخۇ ئۇنى بىر نۆۋەت CEOلۇققا تەكلىپ قىلغان، 7-ئايدا، 37ياشلىق مايىر خىزمەتكە ئولتۇرغاندا، ياخۇنىڭ پاي چېكى ئىزچىل ئۆسۈپ ماڭغان، ئۈچىنچى پەسىل راسچوت قىلغاندا ئېشىندى بولغان. مايىر تۇغۇتىدا دەپ ئالغاندا ئىزچىل ئۆيىدە ئىشلىگەن، ئاي توشماي تۇرۇپلا يەنە خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كەلگەن، ئۇنىڭ بۇ ئىشى كەسپىي خىزمەتچى ئاياللارنىڭ ئائىلە ھەم خىزمەتكە ئوخشاش قارىشى كېرەكمۇ دەيدىغان يېڭى بىر مۇنازىرىسىنى قوزغىغان. نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلار، مايىرنىڭ بۇ پوزىتسىيەسى بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىقنى قىلىۋاتقان ئانىلار ھەم ئاياللارغا سەلبىي تەسىر ئېلىپ كەلدى دەپ قارىغان.

مەرھابا خۇش كەپسىز دوستۇم
دەردى يوققا ۋاي چىشىم دېمە – باشبەت قىلىۋېلىڭ

يۈرىكىڭىزنى لەرزىگە سالىدىغان مۇڭلۇق ناخشا: «رەنا»
يۈرىكىڭىزنى لەرزىگە سالىدىغان مۇڭلۇق ناخشا: «رەنا»salam dunya