Surface Pro مۇشۇ ئاينىڭ 9-كۈنى سېتىلىشقا باشلايدۇ

41H3ETRDLO1S_microsoft-surface-pro-best-buy-front_500

Microsoft Surface Pro مۇشۇ ئاينىڭ 9-كۈنى سېتىلىشقا باشلايدۇ،

Surface Pro 64GB نىڭ باھاسى 899 ئامېرىكا دوللىرى، Surface Pro 128GB نىڭ باھاسى 999 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئۇنىڭ خەت بېسىش ۋە سەزمە ياپقۇچى ئايرىم سېتىلىدىكەن. بۇنىڭغا قاچىلانغان مەشغۇلات سىستېمىسى Windows 8 بولۇپ، ھەقىقىي تاختا كومپيۇتېر دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مىكروسوفت Office 2013 قاچىلانغان.
قاتتىق دېتال جەھەتتە Intel I5 مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ، 4GB ئىچكى ساقلىغۇچ، 1080*1920 ئېنىقلىقتىكى ئېكران سەپلەنگەن بولۇپ، ئېغىرلىقى 900 گىرام، باتارېيەدىن ئۈزمەي ئىشلىتىش ۋاقتى 4-5 سائەتكە يېتىدۇ. بىر دانە USB3.0 ئېغىزى، بىر دانە micro-SDXC، بىر دانە mini-DisplayPort ئېغىزى سەپلەنگەن، ئۇنىڭدىن باشقا مەخسۇس ئىشلەنگەن سەزمە قەلەم تەمىنلەنگەن.

Windows 8 بەلگىلىك سىغىم ئېگەللەيدىغان بولۇپ، Surface Pro 128GB نىڭ 83GB بوشلۇقىنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ. لېكىن USB ئېغىزى بىلەن سىغىمنى ھەرۋاقىت كېڭەيتىشكە بولىدۇ.
ھەقىقىي تاختا كومپيۇتېر دەۋرى رەسمىي باشلىنىدۇ. بۇ خۇددىي 1980-يىلى شەخسلەر كومپيۇتېر دەۋرى باشلانغاندەك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە باشلىنىشتۇر.

يازما ئاپتورى:

كەسپىم - ئېلان لايىھىلەش ------



باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 


Free Web Hosting