شىركەت ئەنگە ئالغۇزۇشقا قانداق رەسمىيەتلەر كېرەك

شىركەت ئەنگە ئالدۇرۇشقا كېتىدىغان ماتېرىياللار:
1. كىملىك
2 . مەبلەغ
3.شىركەت ئىسمى (ئاز بولغاندا ئۈچ ئىسىم تەييارلاڭ)
4. شىركەت ئادرىسى (ئۆلچەملىك ئىشخانا ئىجارە ئېلىش توختىمى، ئۆي مۈلۈك ئىگىدارلىك گۇۋاھنامىسى كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى، ئۈستىگە ئۆي ئىگىسىنىڭ ئىمزاسى چۈشكەن بولىشى كېرەك).
بۇ ماتېرىيالنى ئادەتتە شىركەت تىزىمغا ئالدۇرۇش مۇلازىمىتى قىلىدىغان شىركەتلەر سىزگە تەمىنلەپ بېرەلەيدۇ.

شىركەت تىزىمغا ئالدۇرۇش قەدەم باسقۇچلىرى:
1. شىركەت ئىسمىنى تىزىملىتىش (سودا سانائەت باشقۇرۇش ئىدارىسى)
2.شىركەت ئىسمىغا ئاساسەن ئۆزىڭىز تاللىغان بانكىدا ۋاقىتلىق مەبلەغ ساقلاش ھېسابات نومۇرى ئېچىش)
3. ھېسابات نومىرى تەييار بولغاندا، مەبلەغنى بۇ ھېسابات نومۇرىغا كىرگۈزۈش.
4. مەبلەغ كىرگۈزۈپ بولۇنغاندىن كېيىن، مەبلەغ تەكشۈرۈش دوكلاتى ئىشلەش. خەنزۇچىدا 验资报告 دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنى ئادەتتە كەسپى بۇغالتېرلىق ئىش بېجىرىش ئورنى قىلىدۇ.
会计事务所 5. يۇقارقى بارلىق ماتىرىياللارغا ئاساسەن، سودا سانائەت باشقۇرۇش ئىدارىسىدا تىجارەت گۇۋاھنامىسىغا ئىلتىماس قىلىش.
6. 组织机构代码证 غا ئىلتىماس قىلىش (كەچۈرۈڭ، بۇنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى بىلمەيدىكەنمەن
7. باج رەسمىيەت گۇۋاھنامىسىغا ئىلتىماس قىلىش. (بېجىردىغان ئورۇن يەرلىك باج ئىدارىسى، دۆلەتلىك باج ئىدارىسى)
8. شىركەتنىڭ رەسمى ھېسابات نومىرى ئېچىش. (بۇنىڭ ئۈچۈن يۇقارقى ماتىرىياللرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى كېرەك، مەبلەخ سالغۇچى ئۆزى بېرىپ ھېسابات ئېچىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
9. مەبلەخنى ۋاقىتلىق ھېسابات نومۇرىدىن رەسمى ھېسابات نومۇرىغا يۆتكەش.

ئىگىلىك تورىدىن ئىلىندى

يازما ئاپتورى:

كەسپىم - ئېلان لايىھىلەش ------



باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 


Free Web Hosting